لوپنۇردىن كرۇرەن دەۋرىگە ئائىت قەدىمى تۇرالغۇ جاي بايقالدى

خىتاينىڭ بىر ئىلمىي تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ لوپنۇر رايونىدا زور كۆلەملىك ئىلمىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، كرۇرەن خارابىلىقىنىڭ ئەتراپىدىكى بىر جايدىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 206 ‏ - يىلدىن مىلادى 420 ‏ - يىلغىچە بولغان دەۋرگە ئائىت بىر قەدىمى تۇرالغۇ جاينى بايقىغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2008-12-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بايىنغۇلىن ئوبلاستىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي تەكشۈرۈش پائالىيىتى خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۇيغۇر ئېلىنى كونترول قىلغان 1949 ‏ - يىلدىن كېيىن قانات يايدۇرۇلغان ئەڭ زور كۆلەملىك ئىلمىي تەكشۈرۈشلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

تەكشۈرۈش ئۆمىكى لوپنۇر رايونىنىڭ جۇغراپىيىلىك، ئېكولوگىيىلىك ۋە مۇھىت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپلا قالماي، ئارخېئولوگىيىلىك قېزىش ئېلىپ بارغان بولۇپ، مەزكۇر تۇرالغۇ جايدىكى خەلقلەرنىڭ ئىپتىدائى يېزا ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللانغانلىقىغا دائىر بەزى پاكىتلارنى بايقىغان.

لېكىن خىتاي مەتبۇئاتلىرى بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە كرۇرەن خارابىلىقىنىڭ ئەتراپىدىن بايقالغان مەزكۇر قەدىمىي تۇرالغۇ جاينىڭ كىملەرگە ئائىت ئىكەنلىكى، تۇرالغۇ جاينىڭ نېمە سەۋەبتىن تاشلىنىپ كەتكەنلىكى، تۇرالغۇ جايدىكى خەلقلەرنىڭ تىلى، ئېتنىك ئالاھىدىلىكى ۋە قەيەرگە كۆچكەنلىكىگە دائىر مەسىلىلەرنى تىلغا ئالمىغان.

لوپنۇر رايونى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شەرقى، قۇمتاغ چۆللىكىنىڭ شىمالى ۋە قۇرۇقتاغ ھەم تەڭرىتاغ تىزمىسىنىڭ جەنۇبىغا توغرا كېلىدۇ. بۇ رايون 19 ‏ - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ياۋروپا، رۇسىيە ۋە ياپونىيىلىك ئېكىسپىدىتسىيىچىلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان.

خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى رەسمىي ئېكسپېدىتسىيىلىك پائالىيىتى بولسا 1970 ‏ - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلانغان ئىدى. خىتاينىڭ بەزى ئارخېئولوگلىرى تارىم ئويمانلىقىدىكى قەدىمقى خەلقلەرنىڭ ياۋروپالىقلار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرسە، يەنە بەزى ئارخېئولوگلار تارىمدىكى ياۋروپا ئىرقىغا مەنسۇپ بۇ خەلقلەرنىڭ 7 ‏ - ئەسىردىن باشلاپ ئۇيغۇرلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت