ليۇ شاۋبونىڭ ئادۋۇكاتى ليۇ شاۋبونىڭ قويۇۋېتىلىشىدىن ئۈمىد ئازلىقىنى بىلدۈرگەن

2010 ‏ -يىللىق نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ليۇ شاۋبونىڭ ئادۋۇكاتىنىڭ ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىغا بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر مۇكاپات خىتاي خەلقى ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ بىر خەۋەر بولسىمۇ، نۆۋەتتە خىتاي خەلقىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى بۇ ۋەقەدىن خەۋەرسىز ئىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯘﻣﻪ
2010-10-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
 
چۈنكى نوبېل مۇكاپاتىغا ئالاقىدار خەۋەرلەر، خىتاي مەتبۇئاتلىرى ۋە توربەتلىرىدە چەكلەنگەن. ليۇ شاۋبو جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان تۈرمە ئەتراپىدىكى يوللارمۇ ساقچىلار تەرىپىدىن قامال قىلىنغان.
 
مەزكۇر ئادۋوكات، مۇكاپات خەۋىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ليۇ شاۋبوغا تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيىسىدە ھېچقانداق بىر يۇمشاش ياكى چېكىنىش كۆرۈلمىگەنلىكىنى، شۇڭا ليۇ شاۋبونىڭ دەرھال قويۇۋېتىلىشىدىن ھازىرچە ئۈمىد يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

 
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت