ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى شەنبە كۈنى مارسنى تەكشۈرۈش ماشىنىسىنى مارسقا يوللىدى

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى شەنبە كۈنى مارسنى تەكشۈرىدىغان ئالاھىدە ئۈسكىنىنى مارسقا يوللىدى. 2 مىليارد 500 مىليون دوللار قىممىتىدىكى مەزكۇر تەكشۈرۈش ماشىنىسى مارسقا يېتىپ بارغاندىن كېيىن مارستا ھاياتلىق ئىزناسى ياكى ئىمكانىيىتى بار يوقلىرىنى تەكشۈرىدىكەن.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2011-11-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تەكشۈرۈش ماشىنىسى كىچىك ئاپتوموبىل چوڭلۇقىدا بولۇپ، شەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 10:02 مىنۇت ئۆتكەندە فلورىدا شتاتىدىكى ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن ئاتلاس 5 تىپلىق توشۇغۇچى راكېتا بىلەن ھاۋاغا يوللاندى.

مارس بىلەن يەر شارىنى ئارىلىقى 570 مىليون كىلومېتىر بولۇپ، تەكشۈرۈش ماشىنىسى جەمئىي سەككىز يېرىم ئايدا مارسقا يېتىپ بارىدىكەن.
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت