خەلقئارا ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى ۋاشىنگتوندا رەسمىي خىزمەت باشلىدى

خەلقئارا ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى ۋاشىنگتوندا رەسمىي خىزمەت باشلىدى. مەزكۇر مەركەز ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرى ئەتراپىدا ياشايدىغان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى كەڭ تونۇتۇش، چەتئەللەردە جۈملىدىن ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە مەدەنىيەت، تارىخ، ئۆرپ-ئادەت ساھەلىرىدە ياردەم بېرىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش مەقسىتىدە قۇرۇلغان.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2013-01-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مەزكۇر مەركەزنىڭ بۈگۈن ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر مەركەز ئامېرىكا، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى پېشقەدەم زىيالىيلار، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي پەندە يېتىشكەن زىيالىيلار بىلەن ھەمكارلاشقان ئاساستا ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائەتلىرىگە ھەر خىل مەدەنىي پائالىيەت سورۇنى ھازىرلاپ بېرىش، بالىلارغا مەكتەپ ئېچىش، ياشلارنى يېتەكلەش، رەسىم، كىتاب ۋە يىغىن، مۇھاكىمە پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.

خەلقئارا ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى ئىككى يىل ئىلگىرى قۇرۇلغان ۋە پائالىيەت ئورنى ئۈچۈن ۋاشىنگتون ئەتراپىدىن 109 مو يەر ۋە بىر بىنا سېتىۋالغان بولۇپ، ئاساسىي قۇرۇلۇش پىلانلىرىنى ئالدىمىزدا يىللاردا ئەمەلىيلەشتۈرمەكچى ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت