خىتاي ئىقتىسادى ساھەدىكى مەمۇرى تەكشۈرۈش باسقۇچلىرىنى ئاددىيلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

خىتاي دۆلەت كابىنېتى بۈگۈن يەنى چارشەنبە كۈنى يىغىن ئېچىپ، ئىقتىسادى ساھەگە قارىتىلغان بىر قىسىم مەمۇرى تەكشۈرۈش چارىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياكى ئاددىيلاشتۇرۇشنى قارار قىلدى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012-08-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتايچە ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدا ئالتە پەسىلدىن بېرى كۆرۈلۈۋاتقان ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى ئاستىلاش نەتىجىسىدە ئېلىنغان بۇ قارار، خىتايدا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەت ۋە كارخانىلار مونوپول قىلىۋالغان ئىقتىسادى ساھەلەرگە، كوللېكتىپ ۋە شەخسىي ئىگىلىكتىكى شىركەت ۋە كارخانىلارنىڭمۇ مەبلەغ سېلىشىغا يول ئېچىشنى مەقسەت قىلغان.

خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر شىركەت-كارخانىلارغا قارىتا مەمۇرى تەكشۈرۈشنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى ياكى ئاددىيلاشتۇرۇلۇشى، ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادىي ساھەدىن قولىنى تارتىشى ھېسابلىنىدۇ. بەزى كۆزەتكۈچىلەر مەزكۇر قارارنى ئىقتىسادىي قانۇنىيەتلەرنىڭ مەجبۇرلىشىدا بېسىلغان دېموكراتىك بىر قەدەم دەپ قارىسا، يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەر خىتايدا قارار ئېلىش بىلەن قارارنى ئىجرا قىلىشىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ئىككى ئىش ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ قارارنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دۆلەت كابىنېتى، مەزكۇر يېڭى قارارىنى ئەڭ ئاۋۋال گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇشنى بېكىتكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت