خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلق قۇرۇلتىيى 'مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى'نى ماقۇللىدى

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلق قۇرۇلتىيى "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى"نى ماقۇللاپ، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە پايدىسىز گەپ - سۆز قىلغۇچىلارنى جىنايەتچى سۈپىتىدە جازالايدىغانلىقىنى بېكىتتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009-12-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلق قۇرۇلتىيى چارشەنبە كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، "شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى نىزامى"نىڭ ماقۇللانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مەزكۇر نىزامدا، ھەر قانداق ئورگان ۋە شەخسنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز گەپ - سۆزلەرنى قىلىشى، تارقىتىشى، توپلىشى، تەمىنلىشى، بېسىشى، ئېلان قىلىشى ياكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز ئۇچۇرلارنى تارقىتىشى چەكلەنگەن. شۇنىڭدەك يۇقىرىقى قائىدىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش قائىدىسىگە ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى، جىنايەت شەكىللەندۈرگەن، دەپ قارالغانلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

مەزكۇر قانۇننىڭ دەسلەپكى نۇسخىسى 2009 ‏- يىلى 6 ‏- ئايدا خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەستىقىغا تاپشۇرۇلغان. لېكىن ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5" ‏- ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن دائىرىلەر مەزكۇر قانۇنغا تۈزۈتىش كىرگۈزۈپ، قۇرۇلتاينىڭ تەستىقىغا قايتا يوللىغان ئىدى. ئانالىزچىلار، مەزكۇر قانۇننىڭ ئاساسى روھىنىڭ ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغانلىقىنى، چۈنكى بۇ قانۇندا "مىللى بۆلگۈنچىلىك شىنجاڭ جەمئىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا تەھدىت سالىدىغان ئاساسى خەۋپتۇر. مىللى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش پۇقرالارنىڭ ۋەزىپىسى" دېيىلگەنلىكىنى ئەسكەرتمەكتە.

مەزكۇر نىزامنى تەنقىد قىلغۇچىلار، بۇ قانۇندا تۇنجى قېتىم كىشىلەرنىڭ گەپ - سۆزى جىنايەت كاتىگورىيىسىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى، ئادەتتىكى گەپ - سۆزىدە ۋەزىيەتكە نارازىلىقىنى ئىپادىلىگۈچىلەرنى جازالاش ئاسانلاشقانلىقىنى، نىزامنامىدە قانداق سۆزلەرنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسز سۆز ئىكەنلىكىنىڭ چەك - چېگرىسى ئېنىق ئايرىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت