ئاتالمىش يەرلىك دەرسلىك'مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى' نەشر قىلىندى

"شىنخۇا يانفون گېزىتى" دە خەۋەر قىلىنىشىچە، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان، ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلىتىش بەلگىلەنگەن "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى" دەرسلىكى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009-08-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مەزكۇر دەرسلىك "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" دىن كېيىن پىلانلانغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن قوللىنىلىدىكەن.

دەرسلىككە، يەرلىك كوممۇنىست ھاكىمىيىتى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى ۋە ماركسىزملىق "بەش قاراش" ( دۆلەت، مىللەت، دىن، تارىخ ۋە مەدەنىيەت قارىشى) سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ، ئوقۇغۇچىلاردا ۋەتەنپەرۋەرلىك تۇيغۇسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىق ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش مەقسەت قىلىنىدىكەن. بۇ دەرسلىك ئۇيغۇر، خىتاي، قازاق، قىرغىز تىللىرىدا نەشر قىلىنغان.

ئالاقىدار ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، يەرلىك خىتاي مائارىپ تارماقلىرىنىڭ بۇنچە قىسقا مۇددەتتە بىر يۈرۈش دەرسلىكنى پىلانلاپ نەشر قىلىشى، ئۇلارنىڭ سىياسىغا مائارىپنى نەقەدەر بېقىندۇرغانلىقى ۋە دەرسلىك تۈزۈشتە ئوقۇتۇش قانۇنىيەتلىرىنى قانچىلىك پايخان قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

 مۇتەخەسسىسلەر يەنە، مەزكۇر دەرسلىكنىڭ موڭغۇلچە نەشىرىنىڭ بولماسلىقى، يەرلىك كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى موڭغۇل مائارىپىنىڭ تولۇق خىتايچىلىشىپ بولغانلىقىنىڭ ئالامىتىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت