يەنى، بۇ قېتىم قۇرۇلتايدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت ۋە شەھەر دەرىجىلىك ئورگانلارغا نازىر، مۇئاۋىن نازىر، سوتچى، مۇئاۋىن سوتچى قاتارلىق ئەمەلدارلارنىڭ بەش نەپىرىدىن سىرت، قالغانلىرى ھەممىسى خىتاي مىللىتىدىن تەركىب تاپقان.
ئۇيغۇر بىز تورىنىڭ ساھىبى، مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئىلھام توختى ئەپەندى بۇندىن ئىلگىرى بۇ ھەقتە چەتئەل مەتبۇئاتلىرىغا بەرگەن باياناتىدا، ئۇيغۇر ئېلىدە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر قاتارلىق مىللىي كادىرلارنىڭ سانىنىڭ بارغانسېرى ئازىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، مىللىي كادىرلارنىڭ خىتاي كادىرلار بىلەن باراۋەر مۇئامىلە كۆرمەيدىغانلىقىدەك مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان ئىدى.
"ئۇيغۇر بىز" تورى يەنە بۇ يىل 4 - ئۆكتەبىردىكى سانىدا، بۇ يىل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومدا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ نىسبىتى 7%كە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىدە ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ نىسبىتى 9% كە چۈشۈپ قالغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن. ئەمما، خەۋەردە بۇ ئۇچۇرنى يەتكۈزگۈچى كىشى ئۆز بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرىگىنى ئۈچۈن ھازىرچە ئېنىق بولغان سانلىق مەلۇماتلارنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلىمىغان ئىدى.