ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن تۈنۈگۈن 23- نويابىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار قوشۇنىنى كېڭەيتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010-11-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن تۈنۈگۈن 23- نويابىر كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىلىرىنى تەقدىرلەش يىغىنى" دا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار قوشۇنىنى كېڭەيتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

 ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بارغانچە ئازلاپ كەتكەن. ئۇيغۇر بىز تورىنىڭ خەلقئارا تور بېكىتىنىڭ ئۆتكەن ئايدا ئېلان قىلغان ستاتىستىكىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەپ ئاتىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىدە، ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ زور كۆپچىلىكى خىتايلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇيغۇر قاتارلىق باشقا مىللەت كادىرلىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئاران 10% ئىكەنلىكى، شۇنداقلا بۇ كادىرلارنىڭ ئاساسەن يېزا-قىشلاقلاردىكى ئاساسى قاتلاملاردا ئىشلەۋاتقانلار ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان.

بۇ بىرقانچە يىلدىن بۇيان رايوندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەردىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسى ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا مىللىي كادىرلار ئازلاپ كېتىشتەك تەڭسىزلىككە نىسبەتەن رايوندىكى يەرلىك خەلق بولغان ئۇيغۇر ھەم باشقا مىللەتلەر ئارىسىدا نارازىلىق بارغانچە كۈچىيىۋاتقان ئىدى. جاڭ چۈنشيەن تۈنۈگۈنكى سۆزىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مەسىلىگە جىددىي قاراۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۆتكەن ئايدا ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە  نازىر دەرىجىلىك كادىرلاردىن 34 نەپىرىنىڭ ئاشكارا قوبۇل قىلىنىپ ۋەزىپىگە تەيىنلىگەنلىكىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە 23 نەپىرىنىڭ خىتاي بولمىغان مىللەتلەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت