مىسىردا ھۆكۈمەت ئىسلاھاتى باشلاندى

مىسىردىكى مۇبارەك دەۋرىدىكى پارىخور ئەمەلدارلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش نامايىشلىرىنىڭ داۋاملىشىشى نەتىجىسىدە يەكشەنبە كۈنى مىسىر ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ھۆكۈمەتنى قايتا تەشكىللەشكە كىرىشتى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2011-07-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ باش مىنىستىرى ئەسسام شاراف يېڭىدىن ئىككى مۇئاۋىن باش مىنىستىرنى ھوقۇققا تەيىنلىگەن.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ھۆسنى مۇبارەكنىڭ يېقىنى ھېسابلانغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەزىپىسىدىن قالغان بولۇپ، تەخمىنەن 15 مىنىستىرنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

ھەربىي كومىتېت پۇقرالارنى ھەربىي سوتتا سوتلاشقا چەك قويىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. 13-ئىيۇل كۈنى بولسا ھۆكۈمەت نامايىشچىلارنى باستۇرۇشتا قولى بار دەپ قارالغان 600 نەپەر ساقچى ئوفىتسېر ۋە خادىمى جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بۇ كۈنلەردە سابىق پرېزىدېنت ھۆسنى مۇبارەكنىڭ كېسىلىنىڭ ئېغىرلاشقانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارمۇ پەيدا بولۇشقا باشلىغان بولۇپ، مىسىر دۆلەت تېلېۋىزىيىسى مۇبارەكنىڭ كېسىلىنىڭ ئېغىرلىشىپ، ھوشسىزلىق ھالىتىدە ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.

«ئاخرامونلىنە» تورىنىڭ يېزىشىچە باش مىنىستىر ئەسسام شاراف بۈگۈن يەنە بەش يېڭى مىنىستىرنى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن.

تولۇق بەت