مىسىرغا مۇناسىۋەتلىك سۆزلەر خىتايدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە بلوگ تور بەتلىرىدە چەكلەنگەن

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مىسىرغا مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق شەكىلدە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشنى خىتايدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە بلوگ تور بەتلىرىدە قاتتىق چەكلىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2011-01-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئۇچۇر تور بېتى سىنا تورىدا "مىسىر" ئاتالغۇسىنى ئىزدەش چەكلەنگەن ۋە بۇ سۆزنى ئىزدىگەندە مۇنداق ئۇچۇر چىقىدىكەن. "مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمە ۋە سىياسەتلەرگە ئاساسەن بۇ ئىزدەش نەتىجىسى كۆرسىتىلمىدى."

خىتاي ئاخباراتىدىمۇ مىسىردا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نامايىشقا ئائىت ئۇچۇرلار ئادەم كۆرمەيدىغان سەھىپىلەرگە ئىنتايىن ئاز نىسبەتتە بېرىلگەن.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، مىسىردا دېموكراتىيە تەلەپ قىلىپ پارتلىغان نامايىش خىتاي كوممۇنىستلىرىنى ئەندىشىگە سالغان.

دائىرىلەر ھەر خىل تەدبىرلەرنى ئېلىپ، مىسىر قاتارلىق بىر قىسىم ئەرەب ئەللىرىدە داۋاملىشىۋاتقان ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلارنىڭ خىتاي پۇقرالىرىنى ئىلھاملاندۇرۇپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشماقتا ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 1989-يىلىدىكى تىيەنئەنمېن دېموكراتىك ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى ھەربىي كۈچ ئىشلىتىپ قانلىق باستۇرغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت