خىتاينىڭ مىسىردىكى ئەلچىخانىسى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى خىتايچە سۆزلەش-يېزىش كۇرسىغا ئورۇنلاشتۇردى

كەيشيەن تېلېۋىزىيىسىدە بېرىلگەن خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاينىڭ مىسىردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى مەخسۇس «خىتاي تىلىدا سۆزلەش-يېزىش» بويىچە تەربىيىلەش كۇرسىغا ئورۇنلاشتۇرغان.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012-09-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

2012-يىللىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى خىتاي تىلدا تەربىيىلەش كۇرسى 9 ھەپتە داۋام قىلغان بولۇپ، 18-سېنتەبىر كۈنى كۇرسنىڭ ئاياغلىشىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. مۇراسىمدا كۇرسقا تولۇق قاتنىشىپ بەرگەن 9 ئوقۇغۇچى مۇكاپاتلانغان.

مۇراسىمدا يەنە، خىتاينىڭ مىسىردا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ مائارىپقا مەسئۇل دىپلوماتى خۇ ۋېنجې سۆز قىلىپ، مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا «خىتاي تىلىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ۋەتەنگە قايتىپ خىزمەت قىلىپ، دۆلەتنىڭ ياخشىلىقىغا جاۋاب قايتۇرۇڭلار» دەپ چاقىرىق قىلغان.

ئۇلار يەنە، خىتايچىنىڭ ھازىر دۇنيادىكى مۇھىم تىللارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، خىتايچە ئۆگىنىشنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ رىقابەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىشىگە پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئەمما ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بولسا كۇرسنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تالانتىنى ئۆستۈرۈشتىن بەك، ئۇلارنى كونترول قىلىشتەك سىياسىي مەقسەتكە ئىگىلىكىگە ئىشىنىدۇ.

چۈنكى، خىتاي دائىرىلىرى 2009-يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن ئالدى بىلەن مىسىر كېيىن تۈركىيە، ياپونىيە قاتارلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مەركەزلىك ئوقۇۋاتقان ئەللەردە بىردىنلا «شىنجاڭلىق ۋەتەنپەرۋەر ئوقۇغۇچىلار» دەيدىغان ئاتالغۇنى چىقىرىپ، ناھايىتى ئاز مىقداردىكى سىمۋول خاراكتېرلىك ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تەسىس قىلغان ۋە ئەلچىلىكلەردە تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچى بالىلارنى ئەلچىخانا بىلەن قويۇق ئالاقە ئورنىتىشقا ئۈندىگەن.

خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى بولسا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى بىئارام قىلىۋاتقان بولۇپ، بەزى ئوقۇغۇچىلار، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ۋە ئۇيغۇرلار ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سالماقچى بولۇۋاتقانلىقىدىن شىكايەت قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت