موسكۋادا يېڭى قۇرۇلىۋاتقان خىتاي ماللىرى بازىرىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

موسكۋادا قۇرۇلىۋاتقان بىر خىتاي ماللىرى سودا بازىرى موسكۋا ئاھالىسىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىماقتا. ئالدىنقى كۈنى موسكۋادا، بۇ سودا بازىرىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك بىر نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009-12-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

نامايىشتا مەزكۇر بازارنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ بىكار قىلىنىشى جىددىي ھالدا تەلەپ قىلىنغان. ئۇنىڭ ئالدىدا يەنە بىر خىتاي ماللىرى بازىرى، ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ تەلىۋىگە بىنائەن تاقىۋېتىلگەن؛ بۇنىڭ بىلەن  بۇ بازاردىكى بىر قىسىم خىتاي تىجارەتچىلەر يۇرتىغا قايتىپ كەتكەن؛ بىر قىسمى موسكۋا سودا سارىيى قاتارلىق چوڭ مەركىزى بازارلارغا كۆچۈپ كىرگەن؛ يەنە بىر قىسم سودىگەرلەر ئۈچۈن باشقا ئورۇندىن يېڭىدىن بازار سېلىنماقتا ئىدى.

موسكوۋالىقىلارنىڭ خىتاي ماللىرى بازىرىغا قارشى تۇرۇشى، خىتاي تىجارەتچىلەرنىڭ مۇھىت تازىلىقىغا ئېتىۋار بەرمەسلىكى، توپ مال تارقىتىدىغان كونا قاتناش قوراللىرىنىڭ تېزدىن كۆپىيىپ كېتىشى قاتارلىق مۇھىت گۈزەللىكىگە قارىتا بۇزغۇنچىلىقى ئاساسلىق سەۋەپ بولغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە خىتاي ماللىرى بازىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشى شۇ رايوندىكى يېنىك سانات كارخانىلىرىنىڭ تاقىلىپ كېتىشى، ئىشسىزلىقنىڭ كۆپىيىشى قاتارلىق مەسىلەرنى پەيدا قىلغان.

شۇڭا ئۆتكەن ھەپتە بىر تۈركۈم كىشىلەر پرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىنغا ئوچۇق خەت يېزىپ، خىتاي ماللىرى ۋە خىتاي تىجارەتچىلەرنىڭ موسكۋادا كۆپىيىپ كېتىشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان. ئوچۇق خەتتە، خىتاي تىجارەتچىلەرگە قارىتا ھاقارەت مەنىسىدىكى سۆزلەرمۇ قوللىنىلغان.

ئالدىنقى كۈنكى نامايىشتا، قاتتىق قار يېغىۋاتقىنىغا قارىماي، كۆپ ساندا كىشى نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت