موسكۋا ئايرودرومىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلىتىش ھۇجۇمى مەيدانغا كەلدى

رۇسىيىنىڭ پايتەختى موسكۋادىكى دومودې دوۋو ئايرودرومىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلىتىش ھۇجۇمى مەيدانغا كەلدى. ۋەقەدە ئەڭ ئاز دېگەندە 35 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى، 130 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2011-01-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پارتلاش ئايرودرومنىڭ كەلگەن يولۇچىلار قىسمىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەنى كافكازىيىلىق پىدائىيلارنىڭ سادىر قىلغانلىقى ھەققىدە يۇقىرى ئېھتىمال بېرىلمەكتە. ۋەقەدىن كېيىن رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدۋېدېۋ ياپتەخت موسكۋادا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش ھەققىدە تەلىمات بەرگەن، ئۇ جاۋابكارلارنىڭ قاتتىق جازاغا تارتىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. 

دومودې دوۋو ئايرودرومى موسكۋادىكى ئەڭ چوڭ ئايرودروملارنىڭ بىرى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا نۇرغۇن يولۇچى رەسمىيەت بېجىرىۋاتقان ئىكەن. ۋەقەنى كۆرگۈچىلەر پارتلاشنىڭ ئىنتايىن شىددەتلىك بولغانلىقىنى، ئايرودرومنى قېلىن بىر قەۋەت ئىس-تۈتەك قاپلاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان.

موسكۋادا بۇلتۇر 3- ئايدىمۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بەرگەن. ئىككى نەپەر داغىستانلىق ئايالنىڭ موسكۋا يەر ئاستى پويىزىدا ئېلىپ بارغان شۇ قېتىملىق ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمىدا 40 تىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.

تولۇق بەت