موسكۋادىكى پارتلىتىشنىڭ جاۋابكارلىقىنى چېچەنلەر ئۈستىگە ئالدى

24 ‏-يانۋار كۈنى موسكۋانىڭ دومودېدوۋا ئايرودرومىدا يۈز بەرگەن پارتلىتىش ۋەقەسىنىڭ جاۋابكارلىقىنى كافكازىيە ئەمىرلىكى نامىدىكى چېچەن مۇستەقىللىق كۈچلىرى ئۈستىگە ئالغان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011-02-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

كافكاز سەنتەر ناملىق توردا ئېلان قىلىنغان بىر سىنئالغۇ لېنتىسىدا، تەشكىلاتنىڭ رەھبىرى دوكۇ ئۆمەروف بايانات ئېلان قىلىپ، "24 ‏-يانۋاردىكى پارتلىتىش مېنىڭ ئەمرىم بىلەن بولدى، ھۇجۇملار بۇنىڭدىن كېيىن يەنە داۋام قىلىدۇ" دېگەن. سەپداشلىرى ئارىسىدا ئەبۇ ئوسمان دېگەن شەرەپ بىلەن تونۇلغان ئۆمەروف باياناتىدا، يۈزلەرچە سەپدىشىنىڭ ئۆلۈمگە ھازىرلىنىپ تۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، "خالىغان ۋاقتىمىزدا، خالىغان يەردە ھۇجۇم ئېلىپ بارالايمىز" دېگەن ھەم 2011 ‏-يىلىنىڭ رۇسىيە ئۈچۈن ۋە قان، كۆز ياشلىق يىل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رۇسىيە باش مىنىستىرى ۋىلادىمىر پۇتىن، 36 كىشىنىڭ ئۆلۈمى ۋە 100 نەچچە كىشىنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولغان مەزكۇر پارتلىتىش ۋەقەسىنىڭ چېچەنلەر بىلەن ئالاقىسى يوق دەپ ئۇقتۇرغان ئىدى. ئۆمەروف 2010 ‏-يىلى مارتتا 40كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان موسكۋا مېتروسىنى پارتلىتىش ۋەقەسىنىمۇ ئۈستىگە ئالغان ئىدى.

دوكۇ ئۆمەروف، چېچەن مۇستەقىللىق ھەرىكىتىدىكى جەۋھەر دۇدايېف، ئاسلان ماشادوف ۋە شامىل باسايېف قاتارلىق قوماندانلارنىڭ ئارقىسىدىن ئىز بېسىپ كەلگەن، ۋاقىت تەرتىپى بويىچە تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان قومانداندۇر.

بۇ قېتىم دومودېدوۋا ئايرودرومىدا يۈز بەرگەن پارتلىتىش ۋەقەسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىمۇ ئالاقزادە قىلغان بولۇپ، ۋەقەدىن كېيىن، بېيجىڭ خەلقئارالىق ئايرودرومنىڭ بىخەتەرلىك ئۈسكۇنىلىرىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرگەن ۋە بۇ جەھەتتە بىر قاتار يېڭى تەدبىرلەر ئالغان ئىدى.

تولۇق بەت