خەلقئارا مۇخبىرلار بىرلەشمىسى خىتاينى ئاخبارات كونتروللۇقىنى بىكار قىلىشقا چاقىردى

مەركىزى بېلگىيە پايتەختى بريۇسسېلدىكى خەلقئارا مۇخبىرلار بىرلەشمىسى جۈمە كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى ئاخبارات كونتروللۇقىنى بىكار قىلىشقا چاقىردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010-08-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەلقئارا مۇخبىرلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي مەركىزى تەشۋىقات بۆلۈمى پەيشەنبە كۈنى ئاقسۇدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن دەرھال جىددىي ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ مەزكۇر ۋەقەنى خەۋەر قىلىشىغا چەكلىمە قويغان.

چەكلىمىدە خىتايدىكى بارلىق مەتبۇئاتلارنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋە ئۇيغۇر ئىلى يەرلىك مەتبۇئاتلىرىنىڭ مەزكۇر ۋەقە توغرىسىدىكى خەۋەرلىرىنى بېسىشى ياكى ۋەقە توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلان قىلىش مەنئى قىلىنغان.

خەلقئارا مۇخبىرلار بىرلەشمىسىنىڭ خادىمى ئېرنېست ساگاگا خىتاي مەركىزى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ چەكلىمىسى ھەققىدە توختىلىپ، خىتايدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ مەتبۇئات يۈزىدە چەكلىنىشى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ھادىسە. ناھايىتى روشەنكى شىنجاڭدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسى ناھايىتى ئېغىر ۋەقە، مۇخبىرلارنىڭ ئۇ يەرگە بېرىشى، خەۋەر بېرىش ۋە  ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىغا دائىر دېتاللارنى ئىگىلەپ، خەلقى ئالەمنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈندۇر" دەپ كۆرسەتتى. لېكىن، خىتاي دائىرىلىرى ئاقسۇدا يۈز بەرگەن ۋەقەنى چەكلىگەن بولسىمۇ، لېكىن مەزكۇر ۋەقەگە دائىر ئۇچۇرلار ئىنتېرنېت ۋە يانفون قاتارلىق ئالاقە ۋاستىلىرى ئارقىلىق كەڭ تارقالغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت