' مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى' بۇ يىل 1 - سېنتەبىر يېڭى زېللاندىيىدە كۆرسىتىلىدىكەن

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم يېڭى زېللاندىيىدىمۇ قويۇلىدىغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە يىڭى زېللاندىيە تەرەپكە نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009-08-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىدە نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، يېڭى زېللاندىيىدە تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسى باياناتچىسى، بۇ خەۋەرنىڭ خىتاي ئەلچىسىنىڭ سەمىگە سېلىنىدىغانلىقىنى، ئېتىراز بىلدۈرۈش - بىلدۈرمەسلىك قارارىنىڭ باش ئەلچى تەرىپىدىن چىقىرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ئىشلەنگەن " مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى" ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم بۇ يىل 1 - سېنتەبىر يېڭى زېللاندىيە مائورى تېلېۋىزىيىسىدە كۆرسىتىلىدىكەن.

بۇ ھەقتە توختالغان يېڭى زېللاندىيە ‏ - خىتاي بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى جىم خې، بۇ فىلىمنىڭ كۆرسىتىلىشى كىشىلەر ئارىسىدا يېڭى زېللاندىيىدە ياشاۋاتقان خىتاي جامائىتىگە نىسبەتەن خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، رابىيە قادىر خانىم سەيشەنبە كۈنى مېلبۇرن شەھىرىگە يېتىپ كېلىدىكەن ۋە چارشەنبە كۈنى خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىغا قاتناشقاندىن كېيىن، شەنبە كۈنى ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئاخبارات كۇلۇبىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىن ئۆتكۈزىدىكەن.

خەۋەردە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، مائورى تېلېۋىزىيىسى " مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى" ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمىنى كۆرسىتىش ھوقۇقىنى 2000 ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىۋالغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت