مۇمبايدىكى پارتلاشتا 20 گە يېقىن كىشى ئۆلدى

چارشەنبە كۈنى ئاخشام سائەتلىرىدە ھىندىستاننىڭ مۇھىم سودا شەھىرى بولغان مۇمبايدا پارتلاش مەيدانغا كېلىپ، 17 ئادەم ئۆلگەن، 130 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان. پارتلاش مۇمباي شەھىرىدىكى ئادەم زىچ مەركەزلەشكەن مۇھىم سودا مەركەزلىرىدە ئايرىم-ئايرىم 3 ئورۇندا مەيدانغا كەلگەن.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2011-07-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ھىندىنستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ۋەقەدىن كېيىن بەرگەن باياناتىدا، بۇنىڭ پىلانلىق ھالدا ئېلىپ بېرىلغان تېررور ھۇجۇملىقىنى بىلدۈردى.

گەرچە ھازىرغىچە ھېچقانداق بىرەر تەشكىلات ۋەقەنى ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەر ۋەقەنىڭ خاراكتېرى ۋە ئىشلىتىلگەن بومبىلارغا ئاساسەن بۇنىڭ جاۋابكارىنىڭ «ھىندىستان مۇجاھىتلىرى» تەشكىلاتى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىشماقتا. پاكىستانلىق مىلىتارىستلار بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلىدىغان «ھىندىستان مۇجاھىتلىرى» 2008-يىلىدا يەنە ئوخشاش مۇمبايدا مەيدانغا كەلگەن ۋە 160 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان تېررور ھۇجۇمىنىڭمۇ جاۋابكارى دەپ قارىلىدۇ.

ۋەقە مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن ئامېرىكا، گېرمانىيە، ھىندونېزىيە، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر ھەممىسى تېررور ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى. ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ۋەقەنى قاتتىق ئەيىبلەپ: «جاۋابكارلارنى ئادالەتنىڭ سورىقىغا تارتىش ئۈچۈن ئامېرىكا ھەرقانداق ياردەمگە تەييار» دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت