خەلقئارا مۇخبىرلار بىرلەشمىسى خىتايدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ داۋاملىق بوغۇلۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى

خەلقئارا مۇخبىرلار بىرلەشمىسىنىڭ 30-يانۋار كۈنى خوڭكوڭدا ئېلان قىلغان بۇ يىللىق دوكلاتىدا خىتاينىڭ ئۆتكەن يىلى "دۆلەت مەخپىيەتلىك قانۇنى" غا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، ئىنتېرنېت ئالاقىلىرىنى نازارەت قىلىش دائىرىسى ئىچىگە كىرگۈزگەنلىكى، مۇخبىرلارنى تىزىملاش تۈزۈمىدىكى تور ئاخباراتى مۇخبىرلىقىنى بىكار قىلىش ئارقىلىق ئىنتېرنېت ئۇچۇرچىلىقىنىڭ خىتايدىكى تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2011-01-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دوكلاتتا خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە ھەر قايسى ئۆلكە دەرىجىلىك تەشۋىقات بۆلۈملىرىنىڭ بىر قاتار ئوخشىمىغان مەسىلىلەر بويىچە ئۇچۇر ئېلان قىلىش چەكلىمىلىرىنى چىقارغانلىقى بايان قىلىنغان.

دوكلاتتا يەنە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ئېرىشكۈچىسى ليۇ شاۋبونىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ مۇكاپاتنى ئېلىشىغا يول قويمىغانلىقىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خەلقئارا مۇخبىرلار بىرلەشمىسىنىڭ مەزكۇر دوكلاتىدا يەنە مۇخبىر غەيرەت نىيازنىڭ 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىمۇ مىسال قىلىپ، كۆرسىتىلگەن.

بۇلاردىن باشقا يەنە بىر قىسىم گېزىت مۇخبىرلىرىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلىقى ياكى قورقۇتۇلغانلىقىمۇ كۆرسىتىلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت