خەلقئارا مۇخبىرلار فېدېراتسىيىسى: خىتاي ئۆتكەن بىر يىلدا ئاخبارات قارىتىلغان چەكلەشنى تېخىمۇ كۈچەيتتى

ئامېرىكىدىكى خەلقئارا مۇخبىرلار فېدېراتسىيىسى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا ئوتتۇرا شەرقتىكى قوزغىلاڭلار سەۋەبىدىن ئاخبارات ۋە باشقا مېدىئالارغا قارىتىلغان چەكلەشنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012-01-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تەشكىلات دوكلاتىدا : 2011 - يىلى خىتايدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى كۆرۈنەرلىك چېكىندى، دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.

دوكلاتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: ئوتتۇرا شەرت ۋە شىمالىي ئافرىقىدىكى «ياسىمەن ئىنقىلابى» نىڭ ھىدى خىتايغا يەتكەندە مەركىزىي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئاخباراتقا قارىتىلغان چەكلىمىلەرنى كۈچەيتتى ۋە مۇخبىرلارغا تەھدىت سېلىش دەرىجىسىنى ئاشۇردى.

ئالدىنقى كۈنى ئەركىنلىك سارىيىمۇ 2011 - يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ ئوخشاش مەسىلىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭمۇ ناچارلىشىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت