ھازىر جەنۇبىي ئامېرىكىدا ۋە ئالاسكىدا مۇزلۇقلار تېز ئېرىۋاتىدۇ

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ب د ت مۇھىت ئالىملىرى يوللىغان دوكلاتلارغا قارىغاندا، جەنۇبىي ئامېرىكىدا ۋە ئالاسكىدا مۇزلۇقلار تېز ئېرىۋاتىدۇ. كېلەر ئون يىل ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ غەربىي شىمالى، كانادانىڭ غەربىي جەنۇبىغا يېقىن جايلاردىكى مۇزلۇقلار، قارلىقلار كۆزدىن غايىب بولىدۇ. مۇشۇ دائىرىدىكى شتاتلار ۋە شىمالى قۇتۇپقا يېقىن جايلاردىكى خەلقلەر بۇنداق جىددىي كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىشقا مەجبۇر بولىدۇ.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2010-12-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 1963‏- يىلىدىن 2003‏- يىلىغىچە بولغان 40 يىل ئىچىدە، بۇ رايونلاردىكى مۇزلۇقلار، قارلىقلار 30% نېپىزلەپ كەتكەن. بۇنداق كىلىمات ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن خىتايدا كۆپ قېتىم تاشقىن بولدى.

ب د ت مۇھىت ئالىمى جوھن كرامپنىڭ ئېيتىشىچە، ھىمالايا تاغ تىزمىلىرىدىكى مۇزلۇق ۋە قارلىقلار، يېقىنقى يىللاردا ھەر يىلى 15 مېتىردىن كىچىكلەۋاتىدۇ. بۇلتۇر ھىمالايا مۇزلۇقلىرى ئېرىپ پەيدا بولغان تاشقىندا، پاكىستاندا 12 مىليون ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىدى. ھىمالايا مۇزلۇقلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى باشقا رايونلاردىمۇ، سۇ مەنبەلىرىدە جىددىي نورمالسىزلىق كۆرۈلۈشكە باشلىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت