ناتو قىسىملىرى بۇ ئاينىڭ ئاخىرى لېۋىيىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

كازافىينىڭ ئۆلگەنلىكى ئېنىقلانغاندىن كېيىن، لېۋىيىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان ناتو قىسىملىرى بۇ ئاينىڭ ئاخىرى لېۋىيىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2011-10-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ناتونىڭ باشلىقى ئاندېرس راسسمۇسسېن بۇ ھەقتە توختىلىپ: بىزنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىمىز ئاخىرلىشاي دەپ قالدى، دېدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى ناتونىڭ لېۋىيىدىكى ھەربىي مۇداخىلە ھەرىكىتى ئاخىرلىشىدىغان بولسىمۇ، ئەمما ناتو لىۋىيە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىنىڭ ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈۋېلىشى، سايلام ئۆتكۈزۈش ئىشلىرىغا ھەمكارلىشىش ۋە ئەل-جامائەتنى قوغداش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەشنى داۋاملاشتۇرىدىكەن.

لىۋىيە ئۆتكۈچى ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى كازافىينىڭ ئۆلگەنلىكى ئېلان قىلغان  ئىدى.

بۈگۈنكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، كازافىينىڭ جەسىتى ئەينەك ساندۇققا سېلىنىپ، مىسراتادىكى بىر سودا مەركىزىدە كۆرگەزمىگە قويۇلغان.

تولۇق بەت