شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى سومالى دېڭىز قاراقچىلىرىغا زەربە بەردى

ئۇزۇندىن بۇيان ھىندى ئوكيان رايونىدا زورلۇق - زومبۇلۇق قىلىپ، 280 دىن ئارتۇق ماتروسنى گۆرۈگە ئېلىۋالغان ۋە 15 تىن ئارتۇق پاراخوتنى بۇلىغان سومالى دېڭىز قاراقچىلىقى ئۆتكەن ھەپتىدە ئامېرىكا پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلغاندىن بۇيان بىر قاتار زەربىلەرگە ئۇچرىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2009-04-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىمۇ سومالى دېڭىز قاراقچىلىرىنى يوقىتىش ھەربىي ھەرىكىتى قوزغىغان بولۇپ، شەنبە كۈنى ناتونىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرى نورۋېگىيىنىڭ بىر ماي توشۇغۇچى پاراخوتىنى بۇلاشقا ئۇرۇنغان سومالى دېڭىز قاراقچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان شۇنىڭدەك يەنە كانادانىڭ بىر ھەربىي پاراخوتى دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ پاراخوتىنى قوغلاپ يۈرۈپ، ئۇلارنى قولغا چۈشۈرگەن بولسىمۇ،ئەمما كانادا تەرەپ بۇلارنى قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان، چۈنكى كانادانىڭ بۇ جايدا مەزكۇر كىشىلەرنى سوتلاش ۋە جازالاش ھوقۇقى يوق ئىكەن.

نۆۋەتتە، سومالى دېڭىز قاراقچىلىرىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە ئامېرىكا قوشۇنلىرىمۇ ئاكتىپ ھەرىكەت قىلماقتا. ھازىر خىتايدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە گېنېرالى خىتاي دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ سومالى قاراقچىلىرىغا زەربە بېرىشتە ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلاشقانلىقىنى ماختىغان.

شەنبە كۈنى يەنە گوللاندىيە دېڭىز كۈچلىرى قاراقچىلار قولىدىن 20 دىن ئارتۇق ماتروسنى قۇتۇلدۇرغان.



پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت