پاكىستاندا ئىسلام پىدائىيلىرى ناتو قوشۇنلىرىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان

رۇسىيىنىڭ خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ تارقاتقان خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يەكشەنبە كۈنى پاكىستاننىڭ پىشاۋۇر شەھىرىدە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بىر ئاپتوموبىل ئەترىتى تۇيۇقسىز زەربىگە ئۇچرىغان بولۇپ، 30 دىن 200 غىچە بولغان قوراللىق پىدائىيلار ساقچىلارنى ئۆلتۈرگەن ھەمدە 60 تىن 90 غىچە ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتكەن.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2008-12-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۇ ئاپتوموبىللار ناتو ۋە ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى قوشۇنلىرىنى قورال - ياراق ۋە ئەسلىھەلەر بىلەن تەمىنلەش ۋەزىپىسىنى بىجا كەلتۈرىدۇ.

رۇسىيە ئاگېنتلىقلىرى ناتو نىڭ پاكىستاننىڭ پىشاۋۇر رايونىدىن ئافغانىستانغا ئۆتىدىغان بۇ يول ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى توشۇيدىغانلىقى، بىر قانچە قېتىم تالىبانلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى خەۋەر قىلىشتى. خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، پىشاۋۇر قاتارلىق جايلاردا كۆپ سانلىق پاشتۇلار ياشايدۇ.
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت