نازاربايېفنىڭ كۈيئوغلى نازاربايېفنى خىتاي بىلەن مەخپىي كېلىشىم تۈزگەنلىك بىلەن ئەيىبلىدى

نازاربايېفنىڭ سابىق كۈيئوغلى، قازاقىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلىپ، ئاۋسترىيىدە پاناھلانغان سىياسىي مۇساپىر راھەت ئالىيېف پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ يېقىندا خىتايغا قىلغان زىيارىتىدە خىتاي بىلەن قازاقىستاننىڭ خىتايغا يەر ئىجارىگە بېرىشىگە ئائىت مەخپىي كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2011-03-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

رۇسىيىنىڭ رېگنۇم ئۇچۇر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، راھەت ئالىيېۋ ئۆز شەخسىي بلوگىدا نازاربايېفنىڭ يېقىندا خىتايغا قىلغان زىيارىتىدە قازاقىستاننىڭ خىتايغا بىر مىليون گېكتار خەلق يېرىنى ئىجارىگە بېرىشكە ماقۇل بولۇشقا ئائىت كېلىشىم تۈزگەنلىكىنى يازغان.

رېگنۇم ئۇچۇر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە نەقىل كەلتۈرۈلۈشىچە، راھەت ئالىيېف نازاربايېفنى قازاقىستاننىڭ خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى، چۈنكى قازاقىستاننىڭ ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغانلىقى، نازاربايېفنىڭ خەينەن ۋە خوڭكوڭلاردا شەخسىي تۇرالغۇ جايلىرىغا ئىگە ئىكەنلىكى بىلەن تەنقىد قىلغان.

قازاقىستاننىڭ خىتايغا يەر ئىجارىگە بېرىش مەسىلىسى بۇرۇنلا ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، ھەتتا بۇ مەسىلە بويىچە قازاقىستاندا نارازىلىق نامايىشى يۈز بەرگەن ئىدى.

قازاقىستان پرېزىدېنت ئائىلىسىنىڭ سابىق ئەزاسى راھەت ئالىيېف بۇ قېتىم ئۆزىنىڭ نازاربايېفقا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى ئۇنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە باغلىغان.

راھەت ئالىيېف نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ چوڭ قىزى دارىگا نازاربايېۋانىڭ ئېرى بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى قازاقىستاننىڭ يۇقىرى مەنسەپلىرىنى تۇتقان ھەم كېيىن قازاقىستاننىڭ ئاۋسترىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى قىلىپ تەيىنلەنگەن ۋە قازاقىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغاندىن كېيىن، نازاربايېفقا قارشى ئۆكتىچىلىك ھەرىكىتى سېپىگە قوشۇلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت