ئاستانا ھازىرغىچە نازاربايېفنىڭ كېسىلى ھەققىدە مەلۇمات تارقاتمىدى

71 ياشلىق قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف 11-ئىيۇل كۈنى قىسقا دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن، 19-ئىيۇل كۈنى ئۇنىڭ گېرمانىيىدىكى ھامبۇرگ دوختۇرخانىسىدا ئوپېراتسىيە قىلىنغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالغان ئىدى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2011-07-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئاستانا دائىرىلىرى بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئۇچۇر ۋە ياكى ئىزاھات بەرمىگەن شۇنىڭدەك يەنە تاكى بۈگۈنگىچە ئاستانا دائىرىلىرى نازاربايېفنىڭ قانداق كېسەل بىلەن ئوپېراتسىيە قىلىنغانلىقى ۋە ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە سۈكۈت قىلىش چارىسى قوللانغان.

ئازادلىق رادىئوسىنىڭ قازاق شۆبىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئەھۋال ئوتتۇرا ئاسىيا ئانالىزچىلىرى ۋە قازاقىستان جامائىتىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ھەمدە بۇ ھەقتە تۈرلۈك پەرەزلەر مەيدانغا چىققان.

نازاربايېفنىڭ گېرمانىيىدە تۇيۇقسىز ئوپېراتسىيە قىلىنغانلىقى ھەققىدە فرانسىيە ئاگېنتلىقى خەۋەر تارقاتقان.

19-ئىيۇل كۈنى نازاربايېفنىڭ سابىق كۈيئوغلى، ھازىر ئاۋسترىيىدە سىياسىي پاناھلىقتا تۇرۇۋاتقان راھەت ئالىيېف ئۆز شەخسىي بلوگىدا نازاربايېفنىڭ ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقى ھەققىدە دىئاگنوز قويۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

راھەت ئالىيېف قازاقىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئاۋسترىيە ھۆكۈمىتىدىن ئىزچىل تۈردە قازاقىستانغا قايتۇرۇپ بېرىش تەلەپ قىلىنغان شەخس ئىدى.

ئازادلىقنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نازاربايېف دوختۇرخانىدىن چىقىپ، 21-ئىيۇل كۈنى ئاستانادا ئىقتىسادىي تەرەققىيات مەسىلىسىگە ئائىت بىر يىغىننى ئاچقان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە ئاستانا نازاربايېفنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ھەققىدە رەسمىي ئۇچۇر تارقاتمىدى.

نۇرسۇلتان نازاربايېف 20 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت قازاقىستاننى ئىدارە قىلماقتا، بۇ يىل 4-ئايدا يەنە قايتىدىن پرېزىدېنتلىققا سايلاندى ھەمدە بۇ ئۆكتىچى كۈچلەر ئارىسىدا نارازىلىقلارنى قوزغىغان ئىدى.

تولۇق بەت