بو شىلەي كومپارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى

خىتاينى زىلزىلىگە سالغان چوڭچىڭ شەھىرىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرېتارى بو شىلەي ۋەقەسىنىڭ داۋامى سۈپىتىدە خىتاي رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ بو شىلەينىڭ كومپارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلىغانلىقى خەۋىرى تارقالدى. بۇ ھەقتە ياپونىيىنىڭ «ئاساخى شىنبىن» گېزىتى ئۇچۇر تارقاتقان بولۇپ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئالىي رەھبەرلىكى بېي دەيخېدا يىغىن چاقىرىپ، بو شىلەينى كومپارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىشنى قارار قىلغان.
2012-08-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بو شىلەي نۆۋەتتە بېيجىڭدىكى ئۆيىگە نەزەربەند قىلىنىپ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئۇنىڭ بارلىق قىلمىشلىرىنى تەكشۈرمەكتە ئىكەن.

بو شىلەينىڭ كومپارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلىشى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 18 - قېتىملىق قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش ھارپىلىرىغا توغرا كەلدى. سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر بو شىلەي ۋەقەسىنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى يۇقىرى قاتلىمىدىكى جاڭ زېمىن گۇرۇھى بىلەن ھازىرقى خۇ جىنتاۋ گۇرۇھى ئارىسىدىكى ئىچكى زىددىيەت ۋە كۈرەشلەر بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى تەھلىل قىلىشماقتا، تېخى يېقىندا خىتاي سوت دائىرىلىرى بو شىلەينىڭ ئايالى گۇ كەيلەينى ئەنگلىيە پۇقراسىنى ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشنى بەلگىلىگەن ئىدى.

بو شىلەيگە كەلگۈسىدە يەنە قانداق كونكرېت جىنايەتلەر ئارتىلىدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم. كۆزەتكۈچىلەر پارتىيىدىن چىقىرىلىشنىڭ جازالاشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نۇقتىسى ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت