نوبېل مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمى ئالدىدا خىتايغا قارشى نامايىشلار باشلىنىپ كەتتى

10 - دېكابىر كۈنى خىتاي يازغۇچى ليۇ شاۋبوغا نوبېل مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى باشلىنىش ئالدىدا، نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلو شەھىرىدە خىتايغا قارشى نامايىشلار باشلىنىپ كەتتى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2010-12-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر گۇرۇپپا دېموكراتىيە قوغدىغۇچىلىرى بۈگۈن پايتەخت ئوسلوغا يىغىلىپ خىتاينىڭ نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شاۋبونى قويۇپ بەرمىگەنلىكىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بارغان.

بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇراسىم باشلىنىش ئالدىدا خەلقئارا جەمئىيەتكە قىلىۋاتقان ئېغزاكى ھۇجۇملىرى ۋە بېسىمىنىڭمۇ سالمىقى ئارتماقتا. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جياڭ يۈ بۈگۈن نوبېل كومىتېتىنى قوللىغۇچىلارنىڭ ئىنتايىن ئاز سانلىق ئىكەنلىكىنى، پۈتكۈل جۇڭگو خەلقىنىڭ ۋە نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ نوبېل كومىتېتىغا قارشى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئەمما، ئۇ مۇخبىرنىڭ قانچە دۆلەتنىڭ بۇ مەسىلىدە خىتاينى قوللىغانلىقىغا دائىر سوئالىغا ئېنىق جاۋاب بېرىشتىن باش تارتقان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت