نورۋېگىيە خىتاينى شىمالىي قۇتۇپ كېڭىشىگە كىرگۈزمىدى

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، نورۋېگىيە بۈگۈن خىتاينىڭ شىمالىي قۇتۇپ دۆلەتلىرى كېڭىشىگە كىرىش ئىلتىماسىنى رەت قىلدى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2012-01-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ ھازىر، سۇۋەيىش قانىلىدىن ئۈمىد قىرغىقىغىچە بولغان دائىرە ئىچىدە خىتايغا قاتنايدىغان ئەڭ يېقىن دېڭىز يولى ئېچىش ئېھتىياجى پەيدا بولۇپ قالغان ئىدى.

شىمالىي قۇتۇپ دۆلەتلىرى كېڭىشى-شىمالىي قۇتۇپ رايونىدىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ مەسىلىلىرى ئۈستىدە ھۆكۈمەتلەر ۋە ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار بىلەن كېڭىشىدىغان ئالىي دەرىجىلىك سۆھبەت مۇنبىرى. بۇ كېڭەشنىڭ ئەزالىرى كانادا، دانىيە، فىنلاندىيە، ئىسلاندىيە، نورۋېگىيە، شۋېتسىيە، رۇسىيە ۋە ئامېرىكا.

خىتاي 2010‏-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ليۇ شاۋبونى تۈرمىگە ئالغاندىن كېيىن، دۇنيا بىلەن، بولۇپمۇ شىمالىي قۇتۇپ ئەللىرى بىلەن دىپلوماتىيە جەھەتتە توقۇنۇشۇپ كېلىۋاتىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت