خىتاينىڭ سابىق نورۋېگىيە باش مىنىستىرىغا ۋىزا بەرمەسلىكى نورۋېگىيىنى ھەيران قالدۇردى

خىتايدىكى بىر دىنى ئىشلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ۋىزىغا ئىلتىماس قىلغان سابىق نورۋېگىيە باش مىنىستىرى كېجەل بوندوۋېككە خىتاي دائىرىلىرى ۋىزا بېرىشنى رەت قىلدى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012-06-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ئۇنىڭ نورۋېگىيىگە 2010-يىلىدىكى نوبېل مۇكاپاتىدىن قەپقالغان «قورساق كۆپۈكى» بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. شۇ يىلى نورۋېگىيىدىكى نوبېل مۇكاپاتى كومىتېتى خىتاينىڭ كۈچلۈك قارشىلىق بىلدۈرۈشىگە قارىماي، خىتاي تۈرمىسىدە «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇندى» دېگەن جىنايەت بىلەن جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقان ئۆكتىچى يازغۇچى ليۇ شاۋبونى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا لايىق كۆرگەن ئىدى.

ئەينى چاغدا ئىككى دۆلەت ئارىسىدا دىپلوماتىك كرىزىسقا سەۋەب بولغان بۇ مەسىلىنىڭ ھالا بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر داۋاملىشىشى، يەنە كېلىپ 2005-يىلى باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى تاماملاپ بولغان بىر سابىق باشلىقنىڭ خىتاي ۋىزىسى ئېلىشىنىڭ رەت قىلىنىشى نورۋېگىيە دائىرىلىرىنى قاتتىق ئەپسۇسلاندۇرغان. ئۇلار «بۇ قارار بىزنى ھەم قاتتىق ھەيران قالدۇردى ھەم قاتتىق ئەپسۇسلاندۇردى» دېگەن.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ خەۋەر نورۋېگىيە مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ ئىنكاس قوزغىغان. سابىق باش مىنىستىر بۇ ھەقتىكى باياناتىدا «مەنچە بۇ تەسىرى ياخشى بولمىغان بىر ئىش. بۇ پەقەت خىتاينىڭ ئىككى يىل ئاۋۋالقى ئىشقا نىسبەتەن ھازىرغىچە ئۆز مەيدانىنى كۆرسەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ، خالاس» دېگەن.

خىتاينىڭ ئوسلودىكى ئەلچىخانىسى مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىنى جاۋابسىز قالدۇرغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت