نورۋېگىيىدە مەملىكەت بويىچە ماتەم تۇتۇلدى

يەكشەنبە كۈنى نورۋېگىيە بويىچە ماتەم كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، نورۋېگىيە پادىشاھى، مەلىكىسى ۋە باشقا مۇھىم دۆلەت رەھبەرلىرى ئوسلو شەھىرىدىكى چوڭ چېركاۋغا بېرىپ، تەزىيە مۇراسىمىغا قاتناشقان.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2011-07-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يەكشەنبە كۈنى پۈتۈن نورۋېگىيە بويىچە بايراق يېرىم چۈشۈرۈلگەن.

22- ئىيۇل كۈنىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانىنىڭ 93 نەپەر بولغانلىقى ئېلان قىلىنغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە 85 ئادەم ئۇتىيا ئارىلىدىكى ياشلار لاگېرىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، 7 نەپەر ئادەم ئوسلودىكى پارتلاشتا ئۆلگەن ئىكەن.

ھازىر ساقچىلار يەنە داۋاملىق ھۇجۇمدا قازا ئۇچرىغانلارنى ئىزدەۋاتقان بولۇپ، ئۆلۈم-يېتىم سانىنىڭ بارغانسېرى ئاشىدىغانلىقى جەزملەشتۈرۈلگەن.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنى ئېلىپ بارغان 32 ياشلىق ئاندېرس برېيۋىكنىڭ ئادۋوكاتى برېيۋىكنىڭ ئۆزىنىڭ مەزكۇر پارتلىتىش ۋە ئېتىش ۋەقەسىنىڭ جاۋابكارى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ قىلمىشىنى « قورقۇنچلۇق، ئەمما زۆرۈر ھەرىكەت» دەپ تەرىپلىگەن بولۇپ، ئۇ يەنە 25-ئىيۇل كۈنى ئۆزى ئۈستىدىن ئېچىلىدىغان سوتتا ئۆزىنىڭ مەزكۇر ھۇجۇمنى سادىر قىلىش سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىكەن.

بۇ ۋەقە 2-جاھان ئۇرۇشىدىن كېيىن نورۋېگىيە يۈزبەرگەن بىر قېتىملىق ئەڭ ئېغىر قىرغىنچىلىق ۋەقەسى دەپ تەرىپلەنگەن بولۇپ، تىرىك قولغا چۈشكەن ئاندېرس برېيۋىك ئۆزىنىڭ بۇ قىلمىشىنى تەنھا سادىر قىلغانلىقى ھەم بۇنى جىنايى قىلمىش دەپ ھېسابلىمايدىغانلىقىنى شەرھلىگەن. ئۇ بۇ قىرغىنچىلىق ئۈچۈن ئىشلەتكەن قوراللنى ئوۋ ئوۋلاش نامە بىلەن قانۇنلۇق سېتىۋالغان ئىكەن.

ھازىر برېيۋىكنىڭ ئىلگىرىكى پۈتۈن پائالىيەتلىرى تەكشۈرۈلۈۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەقتە تۈرلۈك ئۇچۇرلار ۋە بەس-مۇنازىرىلەر مەيدانغا چىقماقتا. رۇسىيىنىڭ «نېۋسرۇ» ئۇچۇر تورىنىڭ يېزىشىچە، ئۇنىڭ رادىكال خرىستىئان ئىدىيىسى ۋە ئەشەددىي ئىرقچىلىق ئىدىيىلىرىگە ئىگە شەخس ئىكەنلىكىمۇ ئوتتۇرىغا چىققان.

تولۇق بەت