نورۋېگىيىدە يۈز بەرگەن پارتلىتىش ۋە ئادەم ئېتىش ۋەقەسىگە ئالاقىدار گۇاماندار قولغا ئېلىندى

نورۋېگىيىدە يۈز بەرگەن پارتلىتىش ۋە ئادەم ئېتىش ۋەقەسىگە ئالاقىدار بىر نورۋېگىيىلىك قولغا ئېلىندى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر گۇماندار ئاق تەنلىك خرىستىئان دىنىي ئەسلىيەتچىسى بولۇپ، مۇسۇلمانلارغا ئۆچ ئىكەن.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2011-07-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

جۈمە كۈنى نورۋېگىيە باش ۋەزىرىنىڭ ئىشخانا بىناسىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 7 ئادەم ئۆلگەن. ئۇزۇن ئۆتمەي نورۋېگىيىنىڭ ئۇتويا ئارىلىدا يازلىق لاگېرغا قاتنىشىۋاتقان نورۋېگىيە ئەمگەك پارتىيىسى ياشلار لاگېرى ساقچى سىياقىدا ياسىنىۋالغان بىر قوراللىق كىشىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.

مەزكۇر يالغان ساقچى لاگېردىكى ياشلارنى يېقىن كېلىشكە بۇيرۇپ، ئۇلار يېقىنلاشقاندا ئوق چىقارغان ۋە 84 ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. گۇماندار «تېررورلۇق» جىنايىتى بىلەن   قولغا ئېلىنغان.

نورۋېگىيىدە چىقىدىغان تۋ 2 – قانىلى ۋە بىر قىسىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرى گۇماندارنىڭ گوللاندىيىلىك ئاق تەنلىك دېھقان بەھرىڭ برەىۋىك ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ بۇ يىل 32 ياشقا كىرگەنلىكى، بىر دانە ئاپتومات ۋە بىر تاپانچىنىڭ ئۇنىڭ نامىدا تىزىمغا ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. ھالبۇكى نورۋېگىيە ساقچى دائىرىلىرى بۇنى تېخى دەلىللىمىگەن.

نۆۋەتتە بۇ ھۇجۇمنىڭ نورۋېگىيىدىكى سىياسىي پارتىيىلەرگە قارىتىلغانلىقى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

 نورۋېگىيىدە دۇنيادىكى ئەڭ تىنچ دۆلەتلەرنىڭ بىر بولۇپ، نوبېل مۇكاپاتى دەل مۇشۇ دۆلەتتە تارقىتىلىدۇ.

بۇ ھەقتە توختالغان نورۋېگىيە باش ۋەزىرى جەنس ستولتەنبېرگ: «بۇ ئادەمنىڭ كاللىسىدىن قەتئىي ئۆتمەيدۇ. بۇ بىر قاباھەتلىك چۈش؛ ئاشۇ ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە دوست-بۇرادەرلىرى ئۈچۈن بىر قاباھەتلىك چۈشتۇر» دېدى.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە گۇماندارنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكى، ئۇنىڭ  يەنە  شېرىكلىرى  بولۇشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇپ، ساقچىلار تەكشۈرۈشنى باشلىۋەتكەن.

تولۇق بەت