نۇر بەكرى چوشقا زۇكامىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىدىيىنى مەركىزى كومىتېت بىلەن بىردەك قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى

نۇر بەكرى بۈگۈن ئۆزىنىڭ چوشقا زۇكامىدىن ساقلىنىش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. خىتاينىڭ 'تەڭرىتاغ تور بېتى' دە بايان قىلىشىچە، نۇر بەكرى بۈگۈن چوشقا زۇكامىدىن ساقلىنىش ھەققىدە قىلغان سۆزىدە 'بىز كېسەللىك تارقالغان جايلاردىن ناھايىتى يېراقتا' دەپ كۆرسەتكەندىن كېيىن، چوشقا زۇكامىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن 'ئىدىيىنى پارتىيە مەركىزى كومىتېتى بىلەن بىردەل قىلىش' نى بىرىنچى تەدبىر دەپ ئوتتۇرىغا قويغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009-04-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇ يەنە ، كېسەللىك تارقالغان جايلاردىن كەلگەن كىشىلەرنى چېگرادا قاتتىق تەكشۈرۈشنى، ئايرودروم، ۋاگزال ۋە قاتناش بېكەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئادەملەرنىڭ ئىسسىتمىسىنى ئۆلچەشنى يولغا قويۇشنى تەكىتلىگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خۇ جىنتاۋ بۈگۈن " ئامېرىكا قاتارلىق جايلاردا تارقالغان چوشقا زۇكامىدىن ساقلىنىىش ئۈچۈن، چېگرىدىن كىرىش - چىقىش تەكشۈرۈشىنى قاتتىق ئېلىپ بېرىش " ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن ئىدى.


پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت