ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009-04-04
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، نيۇيورك شىتانىنىڭ باشلىقى دەۋېت پىتېرسون 'بۇ ۋەقەدە ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلار ئامرىكىغا يەرلىشىش ئارزۇيىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتقانلار ئىدى' دەپ قاتتىق ئېچىنغان. ئېنگىلىسچە تىل مۇئەللىمى پرىسىللا ' بۇ ۋەقە، ئامرىكىغا يەرلىشىش ئۈچۈن تىل ئۆگىنىۋاتقانلاردىن 24 ئوقۇغۈچى دەرسكە قاتنىشىۋاتقاندا يۈز بەردى. قاتىلنىڭ مۇددىئاسىنى ھېچ چۈشەنمىدىم ' دېگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، پاكىستاندىكى قوراللىق تالىبانلارنىڭ يېتەكچىسى بەيتۇللا مەخسۇت تېلېفون ئارقىلىق پاكىستان بىخەتەرلىك ئورۇنلىرىغا 'بۇنى بىزنىڭ ئادىمىمىز ئامېرىكىدا قىلدى' دەپ جاكارلىغان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ ئورۇننىڭ ئىشىكىنى ئاپتوموبىل توسۇۋېلىپ ھۇجۇم قىلغان قاتىل گۇماندارىنىڭ بىرى 42 ياشلىق ۋېتناملىق ئەر. ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ ئىچىدە بىر خىتاي ئوقۇغۇچى بار.