باراك ئوباما ئافغانىستاننى زىيارەت قىلدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما يەكشەنبە كۈنى ئافغانىستان پايتەختى كابۇلغا يېتىپ، كېلىپ، ئۆزىنىڭ پرېزىدېنت بولغاندىن كېيىنكى بۇ دۆلەتكە قاراتقان تۇنجى زىيارىتىنى باشلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2010-03-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇ ئالدى بىلەن كابۇلنىڭ شىمالىدىكى باغرام ھەربىي بازىسىغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىنلا ئاق ساراي ئۇنىڭ ئافغانىستاننى زىيارەت قىلغانلىق خەۋىرىنى تارقاتقان . پرېزىدېنت ئوباما ئارقىدىن، ئافغانىستان پرېزىدېنتى ھامىد كارزاي ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئەربابلار بىلەن كۆرۈشكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، پرېزىدېنت ئوباما يەنە ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنى يوقلاپ، ئۇلارغا سۆز قىلىدىكەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقى ئوبامانىڭ ئافغانىستاننى زىيارەت قىلغانلىق خەۋىرىنىڭ كېيىن ئۇقتۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەرلىك نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت