ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما قازاغا ئۇچرىغان ئوقۇغۇچىلار ئائىلىسىدىن ھال سورىدى

پرېزىدېنت باراك ئوباما يەكشەنبە كۈنى كەچتە كوننېكتىكۇت شىتاتىدىكى نېۋتوۋن شەھەرچىسىگە بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئولتۇرۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن سەندى خوك باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشماقچى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2012-12-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شەنبە كۈنى ئاقساراي بايانات بېرىپ، ئوبامانىڭ مەزكۇر جايغا بېرىپ، پەرزەنتلىرىدىن ۋە يېقىنلىرىدىن ئايرىلغان ئائىلىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلاردىن ھال سورىماقچى شۇنىڭدەك ئاخشىمى شام يېقىپ، تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىگە قاتناشماقچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرد.

ئامېرىكىنى زىلزىلىگە سالغان باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوق چىقىرىپ قىرغىن قىلىش ۋەقەسىدە 20 كىچىك بالا ۋە 6 چوڭ ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى. بۇ ۋەقە ئامېرىكا جەمئىيىتىدە كۆپ غۇلغۇلا ۋە ئىنكاسلارغا سەۋەب بولدى شۇنىڭدەك قورال ساقلاشنى چەكلەش چاقىرىقلىرىنى ئۇلغايتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت