فرانك ۋولف: ' ئوباما ھۆكۈمىتى ۋەدىسىدە تۇرمىدى'

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى فرانك ۋولف (Frank Wolf) يېقىندا، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقوق كېڭىشىنىڭ خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقوق خاتىرىسىنى تەكشۈرۈش يىغىنىغا قاتناشمىغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009-02-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

9 ‏ - فېۋرال كۈنى فرانك ۋولف كېڭەش پالاتاسىدا سۆزلىگەن سۆزىدە، خىتاي، كۇبا، سەئۇدى ۋە رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى دۇنيادىكى ئىنسان ھەقلىرىنى ئەڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىۋاتقان دۆلەتلەر دەپ ئاتىغان ۋە ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى قەرەللىك تەكشۈرۈشىدە سۈكۈتتە تۇرغانلىقىدىن ئىنتايىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى ئىپادىلىگەن.

ئۇ، "ئوباما ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقوق مەسىلىسىنى دۆلەت سىياسىتىنىڭ ئەڭ ئالدىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى، ئەپسۇس بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا سۈكۈتتە تۇرۇشى ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ۋەدىسىگە مۇخالىپ " دېگەن.
 
دۆلەت مەجلىس ئەزاسى فرانك ۋولف يەنە، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ پاسسىپ ھەرىكىتىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى ئىپادىلەپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېللارىي كېلىنتونغىمۇ مەكتۈپ يوللىغان ۋە مەكتۈبىدا، ئامېرىكا خىتاينى 1999 - يىلىدىن بۇيان كىشىلىك ھوقوق جەھەتتە ئالاھىدە كۆزىتىلىدىغان دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكىنىڭ بۇ نۆۋەت سۈكۈتتە تۇرغانلىقىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

فرانك ۋولف، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى جەھەتتە خىتاينى ئەڭ قاتتىق ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان شۇنداقلا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا دئۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ بىرى.

ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قارىتا زىيارىتىنى باشلىغان كىلنتون خانىم، ئالدىنقى كۈنىدە بۇ قېتىم خىتاي زىيارىتىدە كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە خىتايغا يەنىلا بېسىم ئىشلىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.


پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت