ئوباما بۈگۈن جەنۇبىي كورىيىگە كەلدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما بۈگۈن، يەنى 18 - نويابىر كۈنى خىتايدىكى 4 كۈنلۈك زىيارىتىنى ئاياقلاشتۇرۇپ جەنۇبىي كورىيىگە كەلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009-11-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ئوبامانىڭ بۇ قېتىمقى جەنۇبىي كورىيە زىيارىتىدىن، گەرچە جەنۇبىي كورىيىنىڭ كۈتىدىغان ئۈمىدلىرى بولسىمۇ، ئەمما ئوباما جەنۇبىي كورىيىدە بولىدىغان 24 سائەت ئىچىدە، جەنۇبىي كورىيە پرېزىدېنتى لى ميوڭباك بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، شىمالى كورىيىنىڭ يادرو قوراللىرىنى چەكلەش مەسىلىسىنى كۈن تەرتىپكە قويالىشىغا كۆزى يەتمەيدۇ.

جەنۇبىي كورىيە ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئوباما بۇ قېتىم خىتاي بىلەن ئىراننىڭ يادرو ئېنىرگىيىسى پىلانى مەسىلىسى توغرۇلۇق سۆزلەشكەندە، ھېچبىر نەتىجە ھاسىل بولمىدى، ئوباما پرېزىدېنت سايلىمىدا ئافغانىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ۋە ئامېرىكىدا ساغلاملىق سۇغۇرتىسى ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشقا ۋەدە بەرگەن.

بۇ، ئوبامانىڭ ئالدى بىلەن قىلىدىغان ئىشى، ئۇنداق بولمىغاندا، ئامېرىكا خۇددى ۋېتنام ئۇرۇشىنىڭ پاتقىقىغا پېتىپ قالغاندەك ۋەقە ئافغانىستاندىمۇ يۈز بېرىشى مۇمكىن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت