ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما قىرغىزىستان پرېزىدېنتى روزا ئوتۇنبايېۋا بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما 24 - سېنتەبىر جۈمە كۈنى، نيۇيوركتا قىرغىزىستان پرېزىدېنتى روزا ئوتۇنبايېۋا بىلەن كۆرۈشتى. ئۇلار ئۆزئارا مەنپەئەت ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت ئاساسىغا قۇرۇلغان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدە سۆھبەتلەشتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯘﻣﻪ
2010-09-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئاقسار ئاخبارات ئىشخانىسى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان مەلۇماتقا قارىغاندا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما، قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئوتۇنبايېۋانىڭ ئوتكەن بىر نەچچە ئايدىن بۇيان، قىرغىزىستاننى دېموكراتىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش يولىدا كۆرسەتكەن غەيرەت - جاسارىتىگە ئاپىرىن ئوقۇغان.

ئاخباراتتا كۆرسىتىشىچە، ئوباما يەنە نۆۋەتتىكى قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتۇنبايېۋا يېتەكچىلىكىدە ئاخبارات ئەركىنلىكىگە قارىتىلغان چەكلىمىنى ئېلىپ تاشلاپ، يېڭى ئاساسىي قانۇن ئۈچۈن ئومۇمىي خەلق راي سىناش پائالىيىتى ئېلىپ بارغانلىقى ۋە كېلەر ئايدا پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈدىغانلىقىغا يۇقىرى باھا بەرگەن.
 
ئوباما يەنە، ئوتۇنبايېۋانىڭ بۇ يىل ئىيۇندا جالالئابات قاتارلىق جايلاردا يۈز بەرگەن ئېتنىك توقۇنۇشىنى ئاياغلاشتۇرۇشتا ئالغان تەدبىرلىرىنى ماختىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى دۆلەت پرېزىدېنتلىرى ئورتاق بىخەتەرلىك، ئافغانىستاننى قۇرۇپ چىقىش پىلانلىرى ئۈستىدە سۆھبەتلەشكەن.
 
 
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت