ئوباما بىلەن خامىت كارزاي ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى

لوس ئانجىلىس ۋاقىت گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما 5-ئاينىڭ 1-كۈنى ئافغانىستان پرېزىدېنتى خامىت كارزاي بىلەن ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2012-05-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا 2014-يىلى ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرگەندىن كېيىنمۇ ئافغانىستاندا تەسىرىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىشى ئۈچۈن شەرت ھازىرلايدىغان بۇ كېلىشىمنى، بۇ ئىككى پرېزىدېنت بىردەكلا، ئۇرۇشتا زور چىقىم تارتقان ئامېرىكا بىلەن ئافغانىستان ھازىر ئىمزالىغان بۇ كېلىشىم، دۇنيا تىنچلىقى ۋە ئافغانىستاننىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن يول ھازىرلىدى، دەپ جاكارلىدى.

ئۇچۇر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، ئامېرىكا ئافغانىستان ۋە ئىراق ئۇرۇشىدا بىر تىرىليون 300 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى چىقىم تارتتى. ئافغانىستان ئۇرۇشىدا 1 مىڭ 800 نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرى ئۆلدى، 15 مىڭ 700 ئەسكىرى يارىلاندى. ھازىر ئافغانىستاندا تۇرۇۋاتقان ناتو قىسىملىرىنىڭ سانى 130 مىڭ. بۇنىڭ 90 مىڭى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى. ئوبامانىڭ پىلانى بويىچە، ئامېرىكا 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاشنى ئافغانىستان قىسىملىرىغا تەلتۆكۈس ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت