خىتايدا بىر كۈن ئىچىدە 12 كىشىنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى

خىتايدا بىر كۈننىڭ ئىچىدە جەمئىي 12 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ ئىجرا قىلىندى. ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلىنىپ، ئىجرا قىلىنغانلارنىڭ ئىچىدە بۇ يىل 6-ئايدا خۇنەن ئۆلكىسىدىكى بىر باج ئىدارىسىنى پارتلاتقان ليۇ جۈيخۇڭمۇ بار.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2011-12-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 52 ياشقا كىرگەن ليۇ جۈيخۇڭ بۇ يىل 6-ئايدا خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ چاڭشا شەھەرلىك باج ئىدارىسىگە پارتلاتقۇچ ماددا تاشلاش نەتىجىسىدە 4 كىشى ئۆلۈپ، 17 كىشى يارىلانغان ئىدى.

دائىرىلەر ئەينى چاغدا ۋەقەنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ليۇ فامىلىلىك بۇ كىشى تىجارەتتە ۋەيران بولغانلىقىنىڭ خاپىچىلىقىدا بۇنداق بىر ۋەقەنى قوزغىغان، دەپ چۈشەندۈرگەن. ئەمما ئەينى ۋاقىتتا ئەھۋال ئىنكاس قىلغان يەرلىك كىشىلەر باجگىرلارنىڭ ئۇششاق تىجارەتچىلەردىن قالايمىقان باج يىغىپ، چىرىكلىك قىلغانلىقىدىن تىجارەتچىلەرنىڭ بۇنىڭدىن قاتتىق نارازى بولغانلىقىنى ئىنكاس قىلغان ئىدى.

خىتاي 2007-يىلىدىن ئېتىبارەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمى بىلەن ئۆلۈم جازاسى بېرىش دېلولىرىغا ئالىي سوتنىڭ قاراپ چىقىشىنى بېكىتكەن ئىدى. خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسى پەيشەنبە كۈنى ليۇ جۈيخۇڭ ۋە باشقا 11 كىشىگە بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىشنى تەستىقلىغان. ئادەتتە خىتايدا ئۆلۈم جازالىرىغا تەستىق سېلىنغاندىن كېيىن دەرھال ئىجرا قىلىنىدىكەن.

خەلقئارالىق ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، خىتايدا يىلىغا 4000 ئەتراپىدا كىشىنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىدۇ، تېخى يېقىندىلا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى خىتايدىكى ئۆلۈم جازالىرىنىڭ سانىنى ئازايتىش، بولۇپمۇ سىياسىي جىنايەتچىلەرگە بېرىلىدىغان ئۆلۈم جازاسىنى توختىتىش ھەققىدە تەكلىپ سۇنغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت