ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ ئەرزىگە ئاساسەن پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى سوتتا ھازىر بولدى

پاكىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ ئەرزىگە ئاساسەن، پاكىستان يۇقىرى سوت مەھكىمىسى 4 قېتىم سوت ئېچىپ پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى سوت مەيدانىغا چاقىرغان ئىدى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012-05-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئالدىنقى 3 قېتىملىق سوتقا قاتنىشىشنى رەت قىلغان مىنىستىرلىق، بۈگۈن ئېچىلغان 4-قېتىملىق سوتقا ئىككى نەپەر خادىم، بىر نەپەر ئادۋوكات ئەۋەتكەن. سوتتا ئەرز قىلغۇچىنىڭ شىكايەتلىرىنى ئاڭلاپ چىققان مىنىستىرلىق ۋەكىللىرى ئەرزگە جاۋاب قايتۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن ۋاقىت تەلەپ قىلغان. بۇ تەلەپكە ئاساسەن، سوتچىلار يەنە بىر قېتىم سوت ئېچىشنى قارار قىلغان. ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى مەسئۇلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەنە بىر قېتىملىق يەنى 5-قېتىملىق سوت 6-ئاينىڭ 14 ‏-كۈنى ئېچىلىدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىسلامئابادتىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تەلىپى بويىچە ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىق 5 ئۇيغۇرنىڭ چەتئەلنى ساياھەت قىلىشىغا چەكلىمە قويغان.

ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپە مەسئۇللىرى ئۆتكەن يىلى تۈركىيىگە سەپەر قىلغاندا، ئايرودرومدا توسۇپ قېلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇستىدىن پاكىستان يۇقىرى سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت