ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى يۇقىرى سوتنىڭ رەت ھۆكۈمىنى تاپشۇرۇۋالدى

ئۆتكەن ھەپتە پاكىستان يۇقىرى سوت مەھكىمىسى دەۋاگەر ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى بىلەن جاۋابكار ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى چاقىرغان ئىدى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012-02-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

سوتقا ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ مەسئۇللىرى يېتىپ بارغان؛ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن بولسا خادىم كەلمىگەن؛ شۇنداق تۇرۇقلۇق سوتچى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئەرزگە قارىتا جاۋابىنى توغرا دەپ خۇلاسىلىگەن؛ ئەمما يازما ھۆكۈم چىقارمىغان ئىدى. بۈگۈن يەنى دۈشەنبە كۈنى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى يۇقىرى سوتنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى سوت ھۆكۈمىنى تاپشۇرۇۋالغان.

ھۆكۈمنامىدە سوتچى ئۆزىنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ پىكرىنى قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ؛ ئەرزنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى مەسئۇلى ئۆمەرجان بۈگۈن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پىكىر بايان قىلىپ، سوتچىنىڭ مەزكۇر داۋادا مۇستەقىل قارار بېرەلمىگەنلىكىنى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بېسىمىدىن قورققانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ يەنە بۇ داۋانى خىتاينىڭ دۆلەت ئاتلاپ قىلىۋاتقان زوراۋانلىقىغا قارشى بىر ھەرىكەت دەپ قارايدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ داۋادا ھەرگىز چارچاش ھېس قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆمەرجاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۈگۈن مەزكۇر ھۆكۈمگە قارشى نارازىلىق ئەرزى سۇنۇش ئۈچۈن ئادۋوكاتى بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇلار يېقىنقى كۈنلەردە، يۇقىرى سوت قاتلىمىدىن يەنە بىر بالداق ئالىي ئورگانغا، مەزكۇر ھۆكۈم ئۈستىدىن نارازىلىق ئەرزىنى سۇنماقچى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت