پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ مەسىلىسى ھەققىدە ئىككىنچى قېتىم سوتقا چاقىرىلدى

پاكىستان يۇقىرى سوت مەھكىمىسى، پاكىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ ئەرزىگە ئاساسەن، بۈگۈن يەنى 16-ئاپرېل كۈنى پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى ئىككىنچى قېتىم سوتقا چاقىردى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012-04-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مىنىستىرلىق بۈگۈنكى سوت مەيدانىغىمۇ خادىم ئەۋەتمىگەنلىكى ئۈچۈن سوت يەنە كېچىكتۈرۈلدى. پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ چېگرادىن چىقىشىنى چەكلىگەن. بۇنىڭغا قارىتا مەزكۇر تەشكىلات نارازىلىق بىلدۈرۈپ پاكىستان سوتىغا ئەرز سۇنغان.

بىرىنچى قېتىملىق سوت بۇ يىل 2-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن، سوتتا جاۋابكار تەرەپ ھازىر بولمىغاچقا، سوت بۈگۈنگە كېچىكتۈرۈلگەن. ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كېلەر قېتىملىق يەنى ئۈچىنچى قېتىملىق سوت 5-ئاينىڭ 26-كۈنى ئېچىلماقچى.

ئەمما، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى يەنە سوتقا كەلمىسە، قانداق قارار بېرىلىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى سوت نەتىجىسىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر داۋاسىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ۋە بۇ جەرياننى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى پاكىستان خەلقىگە تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن بىر پۇرسەت دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت