پاكىستاندىكى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى ئىسلامئابادتا ئۇيغۇرلار ۋە بىر قىسىم پاكىستانلىقلارغا ئىپتار زىياپىتى بەردى

پاكىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى بۈگۈن يەنى دۈشەنبە كۈنى پايتەخت ئىسلامئابادتىكى بىر ئاممىۋى پائالىيەت سورۇنىدا ئىپتار زىياپىتى بەردى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011-08-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

زىياپەتكە ئۇيغۇرلار، يەرلىك پاكىستانلىقلار ۋە ئافغانىستانلىق كۆچمەنلەر بولۇپ 300 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.

ئىپتار زىياپىتىدە، يېقىندا خوتەن ۋە قەشقەردە خىتاي ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ھەرىكەتلەردە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇر پىدائىيلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئالار ئوقۇلدى.

ھۇجۇمدا ئەسىرگە چۈشكەنلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ خاتىرجەملىكى ئۈچۈن تىلەكلەر تىلەندى.

ئىپتار ئاخىرلاشقاندا بىر قىسىم قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە كىيىم-كېچەك ۋە يېمەك- ئىچمەك قاتارلىق ياردەم بۇيۇملىرى تارقىتىپ بېرىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بېرى پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ، بولۇپمۇ ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ ھەرقانداق مەزمۇندىكى يىغىلىشلىرىنى سەزگۈرلۈك بىلەن كۆزىتىپ ۋە ئۇنى توسۇشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقان ئىدى.

بۈگۈنكى بۇ ئىپتار زىياپىتى، قەشقەر ۋە خوتەندە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ، خىتاي بىلەن پاكىستاننىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە قارشى ھەمكارلىقى قايتا جامائەت پىكرىنىڭ كۈنتەرتىپىدە تۇرۇۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت