قازاقىستان ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىش يىغىنى ئۈچۈن 7 مىڭ ساقچى ئاجراتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئامانتادىن خەۋەر قىلىشىچە، قازاقىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ساقچى كومىتېتى بۈگۈن ئاستانادا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا 'بۇيىلقى ياۋروپا بىخەتەرلىك، ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىش يىغىنىنى قوغداش، جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلاش ۋە قاتناشنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن قازاقىستان ئۆزى 7 مىڭ ساقچى ئاجراتتى' ، 'قازاقىستاننىڭ باشقا دۆلەت ئورگانلىرىمۇ بۇ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىش ئۈچۈن 4 مىڭ 500 نەپەر خىزمەتچى ئاجراتتى' دەپ جاكارلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010-10-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھازىرقى نۆۋەتچى رەئىسى قازاقىستان. قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف ئۆزى يېقىندا، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىش يىغىنىنى بۇ يىل 12‏ - ئاينىڭ 1‏ - كۈنى ئاستانادا ئېچىشنى تەشەببۇس قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت