خىتايچە سەھەر گېزىتىدە قەشقەر ۋە خوتەنلەردە ئۆي باھاسىنىڭ چۈشۈش ئېھتىماللىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

بۈگۈن خىتاينىڭ سەھەر گېزىتىدە چىققان بىر خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر ۋە خوتەن قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە ئۆي باھاسى چۈشۈشى مۇمكىن.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011-07-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە خىتايدا ئۆي باھاسى داۋاملىق تۈردە ئۆرلىمەكتە. ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆي باھاسىنىڭ ئۆزگىرىشى خىتاينىڭ باشقا شەھەرلىرىگە سېلىشتۇرغاندا پەرقلىق ئامىللارغا باغلىق؛ مەسىلەن، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە خەنزۇ كۆچمەنلەرنىڭ تۇراقلىشىش نىسبىتى بۇ جايلاردىكى ئۆي باھاسىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىللاردۇر.

خەۋەردە يەنە كۆرسىتىلىشىچە، قەشقەرنىڭ بۇلتۇرقى ئۆي باھاسى بىر مېتىر كۋادراتى 3200 يۈەن بولۇپ، بۇ خىتايدىكى شەھەرلەر بويىچە ئۆي باھا تەرتىپىدە 96 ‏-ئورۇندا تۇرىدۇ.

خەۋەردە ئەسكەرتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا بۇلتۇردىن باشلاپ ئەۋج ئالغان زوراۋانلىق تۈسىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى، مەزكۇر جايلاردىكى ئۆي باھاسىغا تەسىر قىلىشى مۇمكىن. ئەگەر بۇ خىل ۋەقەلەر يەنە داۋاملاشسا، خەنزۇ ئاھالىلىرى رايوندىن قېچىشقا باشلىشى، ئەڭ بولمىغاندا، يېڭىدىن كۆچۈپ كېلىدىغان ياكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ سانى ئازىيىشى؛ بۇنىڭ بىلەن مەزكۇر جايلاردىكى ئۆي باھاسى تۆۋەنلىشى مۇمكىن.

خىتاينىڭ سەھەر گېزىتى ئوتتۇرىغا قويغان بۇ ئېھتىماللىقىنى، بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى 10 يىللارنىڭ ئالدىدىلا ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، خىتاي ۋە چەتئەل شىركەتلىرىنى رايونغا مەبلەغ سالغاندا، رايوندىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ۋەزىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا چاقىرغان ئىدى.

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئېقىنى يەرلىك خەلقنى ئىش ئىمكانلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرۇپلا قالماستىن، ئۆي ۋە مال باھاسىنىڭمۇ ئۆسۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يەرلىك خەلقنىڭ تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ قىيىنلىشىشىغىمۇ سەۋەب بولغان.

تولۇق بەت