خىتاي ئۆلكىلىرىدە تەربىيىلىنىدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇلماقچى

خىتاي دائىرىلىرى ئۆز ئۆلكىلىرىدىكى ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرىدە ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ۋە تىبەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنى ئاشۇرۇپ، كەلگۈسى ئۈچ يىل ئىچىدە 20 مىڭغا يەتكۈزۈشنى پىلان قىلدى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012-04-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۇ قارار، خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن شەھىرىدە چاقىرغان تۇنجى نۆۋەتلىك خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەت ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرى خىزمەت يىغىنىدا ئېلىندى.

شىنخۇا تورىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتايدىكى ئوتتۇرا تېخنىكوملارغا بېرىپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 3300 ئەتراپىدا بولۇپ، مائارىپ مىنىستىرلىقى 2013-يىلىدا پەقەت ئۇيغۇر ئېلىدىن بارىدىغان ئوقۇغۇچى سانىنى بىراقلا 10 مىڭغا يەتكۈزىدىكەن. مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ پىلاننى ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتنىڭ دەۋر ھالقىپ تەرەققىي قىلىشى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ كۆرسەتكەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ياشلارنى خىزمەتكە ئېرىشىش، تېخنىكا ئۆگىنىش، قايتا تەربىيىلىنىشكە ئوخشاش ناملار ئاستىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ كەلمەكتە. ئۇلار، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا پايدىلىق سىياسەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، ئەمما چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇپ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۈچۈن پىلانلىق ھالدا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسەت، دەپ قارايدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت