ئۆزبېكىستان تۈركمەنىستان ئارقىلىق خىتايغا گاز ماڭدۇرىدۇ

خىتاي بىلەن ئۆزبېكىستان ئارىسىدا ئۆزبېك گازلىرىنى خىتايغا يەتكۈزۈش ھەققىدە كېلىشىملەر ئىمزالانغان ئىدى. يېقىندىن بۇيان ئۆزبېكىستان گازىنى قايسى يول بىلەن خۇتايغا يەتكۈزۈش ۋە قايسى لىنىيە بويىچە گاز تۇرۇبۇسى قۇرۇش مەسىلىسى تالاش - تارتىش قىلىنغان بولۇپ، يېقىندا فەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆزبېكىستان تۈركمەنىستان ئارقىلىق ئۆز گازلىرىنى خىتايغا يەتكۈزۈشنى قارار قىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2009-05-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۆزبېكىستان تەرەپ ئۆزبېكىستان گاز مەبەلىرىدىن تۈركمەنىستاننى تۇتاشتۇرىدىغان تەبىئىي گاز تۇرۇبۇسى قۇرۇپ، تۈركمەنىستاننىڭ قازاقىستان ئارقىلىق توشۇيدىغان گاز تۇرۇبا لىنىيىسى بىلەن تۇتاشتۇرغاندىن كېيىن ئۆز گازىنى خىتايغا يەتكۈزۈشنى پىلان قىلغان ئىكەن.

خىتاي بىلەن ئۆزبېكىستان ئارىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىم بويىچە، ئۆزبېكىستان - خىتاي گاز تۇرۇبىسى ئارقىلىق ھەر يىلى 30 مىليارد كۇب مېتىر گازنى خىتايغا توشۇش پۈتۈشۈلگەن.

ئۆزبېكىستان بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىۋاسىتە چېگرىسى بولماسلىقى، ئۆزبېكىستان بىلەن خىتاينىڭ گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇپ، گاز توشۇش پلانىغا تەسىر يەتكۈزگەن بولۇپ، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستانلار ئۆز گازلىرىنى قازاقىستان ئارقىلىق خىتايغا ماڭدۇرۇشقا مەجبۇر بولغان.


پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت