تىبەتلەردىن يەنە بىر ئايال ۋە بىر قىز ئۆزىگە ئوت قويغان

گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ ماچۈ ناھىيىسىدە شەنبە كۈنى بىر تىبەت قىز ئوقۇغۇچى، ناھىيىنىڭ كۆكتات بازىرىغا بېرىپ ئۆزىگە ئوت قويغان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012-03-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يەكشەنبە كۈنى سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ ئابا ۋىلايىتىدە رىنچەن ئىسىملىك بىر تىبەت ئايال ئۆزىگە ئوت قويغان. رادىئومىز تىبەت بۆلۈمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆزىگە ئوت قويغان ھەر ئىككىسى نەق مەيداندا ئۆلگەن. ئۆلگەن تىبەت ئايالنىڭ يېشى 32 ياش بولۇپ، بەزى خەۋەرلەردە 3 بالىسى بارلىقى، يەنە بەزى خەۋەرلەردە 4 بالىسى بارلىقى بايان قىلىنماقتا. بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەرلىك دائىرىلەر، مەزكۇر ئىككى ۋەقە ھەققىدە پىكىر بايان قىلىشنى رەت قىلغان.

لوندوندىكى ئەركىن تىبەت تەشكىلاتىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ئۆزىگە ئوت قويۇۋالغان قىز بۇ يىل 20 ياش بولۇپ، ئۇ بىر كۈن بۇرۇن دوستلىرى بىلەن سۆزلەشكەندە، تىبەت ئۈچۈن بىر ئىش قىلىش كېرەكلىكىنى، ئەگەر بۇنداق قىلمىسا ھاياتنىڭ مەنىسى قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

32 ياشلىق ئايال ئۆلۈشنىڭ ئالدىدا، ئەركىنلىك تەلەپ قىلىپ ۋە دالاي لامانىڭ تىبەتكە قايتىپ كېلىشىنى تەلەپ قىلىپ شوئار توۋلىغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئۆزىگە ئوت قويۇش شەكلىدىكى قارشىلىقىنىڭ تەسىر كۈچى مەسىلىسىدە بەزى تىبەتلىكلەر ئارىسىدا پىكىر ئىختىلاپى مەۋجۇت.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ھەپتە سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى بىر ھۆكۈمەت بىناسى تىبەتلەر تەرىپىدىن پارتلىتىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمغا ئۇچرىغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت